خەنزۇ تىلىدىن سەۋىيە سىناش ئىمتىھان ( HSK/MHK ) خەنزۇ تىلى ئانا تىلى بولمىغانلارنىڭ ( چەتئەللىكلەر، جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) خەنزۇچە سەۋىيىسىنى سىناش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلچەملىك ئىمتىھان.
خەنزۇ تىلىدىن سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (HSK/MHK) ھەر يىلى قەرەرلىك ۋاقىتتا دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەنلەر مۇناسىپ دەرىجىلىك « خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش گۇۋاھنامە » گە ئېرىشەلەيدۇ.
HSK خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا دەرىجە دەپ ئىككى دەرىجىگە بۆلىنىدۇ؛
MHK خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى 1-دەرىجە، 2-دەرىجە، 3-دەرىجە، 4- دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.
HSK ئىمتىھان ئوبىكتى
HSK تۆۋەن دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار 3500 سۆزلۈك سەۋىيسىگە ئىگە بولغان بولىشى، 1000 سائەت مۇنتىزىم خەنزۇتىلى دەرسى ئاڭلىغان بولىشى كېرەك.
HSK ئوتتۇرا دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار 5000 سۆزلۈك سەۋىيسىگە ئىگە بولغان بولىشى، 1000-2000 سائەت مۇنتىزىم خەنزۇتىلى دەرسى ئاڭلىغان بولشى كېرەك.
HSK يۇقىرى دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار 10000 سۆزلۈك سەۋىيسىگە ئىگە بولغان بولىشى، 2200-3000 سائەت مۇنتىزىم خەنزۇتىلى دەرسى ئاڭلىغان بولشى كېرەك.
MHK ئىمتىھان ئوبىكتى
MHK 3-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار 3500-5000 سۆزلۈك سەۋىيسىگە ئىگە بولغان بولىشى، 1200-1600 سائەت مۇنتىزىم خەنزۇتىلى دەرسى ئاڭلىغان بولشى كېرەك.
MHK 4-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار 8000-10000 سۆزلۈك سەۋىيسىگە ئىگە بولغان بولىشى، 1600-2000 سائەت مۇنتىزىم خەنزۇتىلى دەرسى ئاڭلىغان بولشى كېرەك.
HSK تۆۋەن دەرىجە ئىمتىھان تۆت بۆلەككە ئايرىلىدۇ
1. ئاڭلاپ چۈشىنىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 50 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 35 مىنۇت. سۆزلۈك، قىسقا دىئالوگ، دىئالوگ ياكى سۆزلەش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. گرامماتىكا قۇرۇلمىسى :
بۇنىڭدا جەمىئى 30 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 20 مىنۇت. سۆز خاراكتىرى ( مىقدار سۆز، يۆلىنىش سۆز، ئىمكان ئىستەك سۆزلىرى، رەۋىش، قوشۇلغۇچىلار، ياردەمچى سۆزلەر، باغلىغۇچىلار قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ) ، پېل، سۈپەت ئىسىملارنىڭ قوشۇلىشى، تولۇقلىغۇچى، ھالەت ۋە ئېنىقلىغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى؛ سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى تەرتىۋى، سېلىشتۇرۇش ۋە سۇئالنىڭ شەكلى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆز بىرىكمىلىرى، ئادەت سۆزلىرى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان مۇرەككەپ ئارلاشما جۈملىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ئوقۇپ چۈشىنىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 50 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 60 مىنۇت. سۆزلىك، قىسقا ماقالىنى ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. بوش ئورۇننى تولدۇرۇش :
بۇنىڭدا جەمىئى 50 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 30 مىنۇت. سۆزلەرنى بوش ئورۇنغا تولدۇرۇش ۋە خەنزۇچە خەتلەرنى بوش ئورۇنغا تولدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
MHK 3-دەرىجە ئىمتىھان تۆت بۆلەككە ئايرىلىدۇ
1. ئاڭلاپ چۈشىنىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 40 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 30 مىنۇت. ئاساسلىق ئىمتىھان مەزمۇنى:
(1) دىئالوگ ياكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش؛
(2) ئادەتتىكى تىل، مەدەنىيەت قاتارلىق توسالغۇلارغا ئۇچىرىماي، ئاڭلاۋاتقان مەزمۇنلارنىڭ ھالقىلىق ئۇچۇر ۋە مۇھىم تەپسىلاتلىرىنى چۈشىنىش؛
(3) تېز سۈرئەتتە توغرا ھۆكۈم، پەرەز قىلالايدىغان بولۇش؛
(4) سۆزلىگۈچىنىڭ دېمەكچى بولغان مەقسىتى، پوزىتسىيىسى، ئىنتوناتسىيەسى، كەيپىياتىنى چۈشىنىش؛
(5) ئاڭلاش سۈرئىتى مىنۇتىغا 180-220 خەت بولىدۇ.
2. ئوقۇپ چۈشىنىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 40 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 45 مىنۇت.
(1) بېرىلگەن ماتىريالنىڭ ئاساسلىق مەزموننى چۈشىنىش، ئاساسلىق ئۇچۇر ۋە تەپسىلاتىنى ئىگىلەش؛
(2) ماتىريالنىڭ ئاساسلىق مەقستىنى ئىگىلەش ۋە يىغىنچاقلاش؛
(3) ئايرىم خەت، بىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرماي ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولۇش؛
(4) ماقالىنىڭ ئالدى ئاخىرىغا بىرلەشتۈرۈپ يۇشۇرۇن مەزمۇنلاردىن مۇۋاپىق خۇلاسە چىقىرالايدىغان بولۇش؛
(5) ئاپتورنىڭ پوزىتسىيىسى، ھىسىياتى، ئىنتوناتسىيىسى، خاھىشى قاتارلىقلارنى چۈشىنىش؛
(6) تىل مۇھىتىدىكى پروگىراممىدا بەلگىلەنگەن جۈملىنىڭ تاۋۇشلىرى، سېمانتىنكا ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشىنىش؛
(7) ئوقۇپ چۈشىنىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 150-190 خەت بولىدۇ.
3.ماقالە يېزىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 16سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 45 مىنۇت. بۇ ئىككى مەزمۇنغا بۆلىنىدۇ، يەنى ئوبىكتىپ سۇئال (15سۇئال). ئاساسلىق يېزىقتا ئىپادىلەش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ؛ سوبىكتىپ سۇئال ( شەرت بېرىلىپ ماقال يېزىلىدۇ)، ئاساسلىق ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ.
HSK/MHK يۇقرى دەرىجە ئىمتىھاننىڭ قۇرۇلمىسى
بۇ نىسبى مۇستەقىل بولغان ئۈچ يۈرۈش ئىمتىھان سۇئالىدىن تەركىپ تاپىدۇ:
1. يېزىق ئىمتىھانى :
جەمى120 سۇئال بولۇپ، بۇ ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ماقالە يېزىش ئىمتىھانى باشلىنىدۇ؛
(1) ئاڭلاپ چۈشىنىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 40 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 25 مىنۇت. خەۋەر، سۆزلەش ۋە دىئالوگ، ئەمەلىي ئۈنئالغۇ زىيارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(2) ئوقۇپ چۈشىنىش :
بۇنىڭدا جەمىئى 40 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 40 مىنۇت. قىسقا سۇئالغا جاۋاپ بېرىش، كۆپنى تاللاپ جاۋاپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(3) ئونۋېرسال ئىپادىلەش :
بۇنىڭدا جەمىئى 40 سوئال بولۇپ، ئىمتىھانغا بېرىلگەن ۋاقىت 40 مىنۇت. خاتا سۆزلەرنى تاللاپ چىقىش، سۆزلەرنى بوش ئورۇنغا تولدۇرۇش، جۈملە رەتلەش، بوش ئورۇنغا تولدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ماقالە يېزىق ئىمتىھانى :
بۇنىڭغا جەمىئى 30 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن بولۇپ ،400-600 خەت ماقالە يېزش تەلەپ قىلىنىدۇ .
3. ئېغىز تىلى ئىمتىھانى :
بۇنىڭغا جەمىئى 20 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن بولۇپ، تەييارلىق قىلىش ۋاقتى 10 مىنۇت، ئىمتىھان ۋاقىت 10 مىنۇت.
ئوقۇتۇش نىشانىمىز ۋە كاپالىتىمىز
1. دەسلەپكى قەدەمدە ئىمتىھان بېرىشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم، بىرمۇ-بىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرس ئۆتىلىدۇ، ئوقۇغۇغۇچىلارنىڭ ئونۋېرسال بىلىمى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ؛
2. ئەڭ يېڭى ئىمتىھان سۇئاللىرى تەھلىل قىلىنىپ، ئىمتىھاننىڭ مۇھىم قىيىن نوقتىسى، شەكلى نوقتىلىق چۈشەندۈرىلىدۇ؛
3. ئىمتىھان بېرىش تاكتىكىسى، ئۇسۇلى ئۆگىتىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتىنى %95 دىن يۇقىرى ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
4. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ۋە دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈندۈزلىك، كەچلىك، شەنبە–يەكشەنبىلىك قارار بويىچە تىزىملىتىشىنى قارىشى ئالىمىز، ھەمدە خەنزۇ تىلى باشلانغۇچ، تولۇقسىز سەۋىدىن باشلايدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر يىل ئىچىدە HSK سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن 8-دەرىجە، MHK سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن 3-دەرىجىدىن ئۆتۈشىكە توختام بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇش پۇلى 2500.00 يۇەن.

دەرسلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۈندۈزلۈ، كەچلىك، شەنبە-يەكشەنبىلىك ۋە تەتىللىك قارار بويىچە يىل بويى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇدەرسلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۈندۈزلۈ، كەچلىك، شەنبە-يەكشەنبىلىك ۋە تەتىللىك قارار بويىچە يىل بويى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

فامىلىسى : مەمەتئىمن مۇئەللىم
كەسپى : خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى
مەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى دەپ باھالانغانمەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى
فامىلىسى : قۇندۇز مۇئەللىم
كەسپى : خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى
مەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى دەپ باھالانغانمەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى
فامىلىسى : ماروڭ مۇئەللىم
كەسپى : ئېغىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى
مەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى دەپ باھالانغانمەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى
فامىلىسى : خۇرشىدە مۇئەللىم
كەسپى : خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى
مەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى دەپ باھالانغانمەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى
فامىلىسى : ئۆمەرجان مۇئەللىم
كەسپى : خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى
مەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى دەپ باھالانغانمەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى
فامىلىسى : ئادىلە مۇئەللىم
كەسپى : خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى
مەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى دەپ باھالانغانمەكتىپىمىزنىڭ 3-ئايلىىق شەرەپلىك ئوقۇتقۇچىسى