

مەركىزىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلقئارالىق IELTS ئىمتىھانى كۈچەيتىش سىنىپلىرىدا 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ، ياخشى ئۈنۈم ۋە نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈپ، چەتئەلدە ئوقۇش، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىق، تەرجىمانلىق ۋە ھەرقايسى ئىدارە-جەمىئىيەتلەردە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردى. مەركىزىمىز مۇنتىزىم،سېستىمىلاشقان، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۈك شەھىرىمىزدىكى ئالدىنىقى قاتاردىكى نوقتىلىق تەربىيلەش مەركىزى. IELTS بولسا (International English Language Testing System) نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، خەلقئارالىق ئېنگلىزتىلى ئىمتىھان ئېلىش سېستىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەخسۇس چەتئەل ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇيدىغانلار، چەتئەلدە قېلىپ خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلار ۋە چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ چىقشىنى خالايدىغانلاردىن ئېلىندىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىمتىھان. بۇ ئىمتھان بولسا ئاۋىستېرالىيە ئالي مەكتەپ بىرلەشمىسى، ئەنگلىيە كونسىلى ۋە كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق ئالي نوپۇزغا ئىگە ئورۇنلار تەرپىدىن يۈرگۈزۈلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياش، مىللەت، مەدەنيەت سەۋىيە ۋە دۆلەت چەكلمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. چەتئەلگە چىقىپ تولۇق كۇرۇس، مەخسۇس كۇرۇس ۋە ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى بويىچە داۋاملىق ئوقۇماقچى بولغانلار ياكى ئاۋىستېرالىيە، يېڭى زىللاندىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىمتىھاننى بېرىش كېرەك. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 40 نەچچە دۆلەت مەزكۇر ئىمتىھاننى ئىتراپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى 380 دىن ئارتۇق ئالي مەكتەپمۇ بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىتراپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە يەرشارىدىكى 120 دۆلەتتە 400 دىن ئارتۇق ئىمتىھان ئېلىش نوقتىسى بار. ئەگەر سىز بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشسىڭىز، چەتئەل ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس سۇنۇپ چەتئەلدە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرشەلەيسىز. بۇ ئىمتىھان ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئوقۇپ چۈشىنىش، يېزىقچىلىق ۋە ئېغىزتىلى قاتارلىق 4 تۈردىن تەشكىل تاپقان. پۈتۈن ئىمتىھان 2سائەت 55 مىنۇتتا تاماملىنىدۇ. تۆۋەندە بۇ 4 تۈر ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈلىدۇ.

بۇ قىسىم 4 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،جەمئي 40 دانە سۇئالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەربىر بۆلەك ئاڭلاپ بوش ئورۇن تولدۇرۇش، ABCD تۆت جابتىن بىرنى تاللاش، كۆپ تاللاش ۋە سۇئالغا جاۋاب يېزىش قاتارلىق ئوخشىمىغان شەكىلدىكى 10 دانە سۇئالدىن تۈزۈلىدۇ. ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىمتىھان ۋاقتى 40 مىنۇت بولىدۇ.
بۇ قىسىم 3 پارچە ئوقۇشلۇقتىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن 2000 خەت ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سۇئال شەكىللىرىدىن ABCD تۆت جاۋاپتىن بىرنى تاللاش، بوش ئورۇن تولدۇرۇش، تىمىلارنى تۇتاشتۇرۇش، توغرا،خاتا ياكى بىرلمىگەن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش، ئابزاسقا ئەڭ ماس كىلدىغان تىمىنى تاللاش قاتارلىق بىر قانچە شەكىللىرى بار. 1 سائەت ۋاقىت ئىچىدە 3 پارچە ئوقۇشلۇقتىن تاللاپ چىقىلغان 40 دا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى سۇئاللارنى تولۇق ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.
يېزىىقچىلىق قىسمى بولسا 2 پارچە ماقالە يېزىشنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى ماقالىدە بولسا بىرىلگەن گىرافىكقا ئاساسەن ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆزگىرشىنى تەھلىل قىلىپ بىر پارچە 150 خەتلىك ماقالىنى 20 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاندىن يەنە بىر مۇلاھىزە خاراكتېرلىك تىمىغا ئاساسەن 250 خەتلىك بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككى پارچە ماقالە ئۈچۈن بېرىلدىغان ئومۇمي ۋاقىت 60 مىنۇت بولىدۇ.
ئېغىزتىلى ئىمتىھانى يۇقارقى 3 تۈرلۈك ئىمتىھان تاماملىنىپ شۇكۈنى چۈشتىن كىيىن باشلىنىدۇ. ئىمتىھان جەريانى 3 باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنجى باسقۇچ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش شەكلىدە پاراڭلىش، ئىككىنىچى باسقۇچ قەغەزدە بىرىلگەن تىمىغا ئاساسەن جاۋاپنى ئويلىنىپ 4،5 مىنۇت ئەتراپىدا جاۋاپ بىرىش، ئۈچۈنچى باسقۇچ تىمىغا بەرگەن جاۋابتىن ئاساسەن چىقىرىلغان سۇئاللارغا تەپسىلى جاۋاپ بىرىش. ئىمتىھان بەرگۈچى بۇ جەريانلاردا چەتئەللىك ئىمتىھان ئالغۇچى بىلەن 11 مىنۇتتىن 14 مىنۇتقىچە دىئالوگ ئېلىپ بارىدۇ.
IELTS تەربىيلەش سىنىپلىرىمىزدا 6 ئاي ۋاقىت ئچىدە 16 كىتاب، 8000 دانە سۆزلۈك، 100 يۈرۈش ئىمتىھان سۇئالى ئىشلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ خەلقئارالىق IELTS ئتىمتىھاندا 7-دەرىجىگە ئېرىشكىدەك سەۋىيە يارتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە توختام تۈزۈلىدۇ، ئىمتىھاندىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېڭىدىن ( نۆل سەۋىيدىن ) IELTS ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدىغان ئوقۇغۇچىلار توختام بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇش پۇلى 5500 يۈەن.
فامىلىسى : پەرھات مۇئەللىم
كەسپى : ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى
IELTS كۈچەيتىش سىنىپىنىڭ مەخسۇس ئوقۇشلۇق ۋە گىرامماتىكا ئىقتىدارىنى يىتىشتۈرۈشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى
فامىلىسى : ئەھمەد مۇئەللىم
كەسپى : ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى
IELTS كۈچەيتىش سىنىپىنىڭ مەخسۇس يېزىقچىلىق ۋە سۆزلۈك ئىقتىدارىنى يىتىشتۈرۈشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى
فامىلىسى : قۇربانجان مۇئەللىم
كەسپى : ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى
IELTS كۈچەيتىش سىنىپىنىڭ مەخسۇس ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يىتىشتۈرۈشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى
فامىلىسى : كىرىستىنا مۇئەللىم
كەسپى : ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى
IELTS كۈچەيتىش سىنىپىنىڭ مەخسۇس ئېغىزتىلى ئىقتىدارىنى يىتىشتۈرۈشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى