
ئورخۇن چەتئەل تىلى تەربيىلەش مەركىزى، ئورخۇن كەسىپى تېخنىكا تەربيىلەش مەكتىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2006-يىلى ۋە 2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، تىيانشان رايونلۇق ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسى ۋە تىيانشان رايونلۇق خەلق ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان تىل ۋە كومپىيۇتېر تەربىيىلەش ئاپپاراتى. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىيات قانۇنى» نى ئاساس قىلىپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قائىدە –تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيلەش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، پەزىلىتى ئىسىل، ھاياتى كۈچكە تولغان، جەمىئەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان ياراملىق خادىملارنى تەربىيلەپ چىقىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، ساپاسى ئەلا، توختىماي ئىزدىنىدىغان، ئىناق، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش؛ مەكتەپ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىپ، سىجىل تەرەققى قىلغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى داڭلىق مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويدى. مەكتىپىمىز تىل ۋە كومپىيۇتېر كەسىپلەر بويىچە نوقتىلىق تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىغان ئاپىرات بولۇپ، ئىنگىلىز تىلى، روس تىلى، خەنزۇ تىلى ياپون تىلى، ئۇيغۇر تىلى، كومپىيۇتېر سىنىپلار ۋە ھەرخىل كۇچەيتىش سىنىپلىرى ( 4،6-دەرىجە كۈچەيتىش، HSK، MHK، IELTS،TOEFL كۈچەيتىش سىنىپلىرى ) تەسىس قىلىنغان بولۇپ ئايلىق، پەسىللىك، يېرىم يىللىق، يىللىق بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ. مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە يۇكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۇك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جانلىق، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولۇپ، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچى سانى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، جەمىئىيەتكە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى. نۆۋەتتە مەكتىپىمىز يۇقىرى دەرىجىلىق ئورۇنلار، رەھبەرلەر ۋە جەمىئەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ كۈيىنىشى، ياردىمى، قوللىشى شۇنداقلا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى –خىزمەتچىلەرنىڭ توختىماي تىرىشىشى ئارقىسىدا تېز تەرەققى قىلىپ، كۆلەملەشكەن، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، باشقۇرۇشى مۇنتىزىم نۇقتىلىق تەربىيلەش ئورنىغا ئايلاندى.

دەرسلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىت ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۈندۈزلۈك، كەچلىك، شەنبە-يەكشەنبىلىك ۋە تەتىللىك قارار بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەركىزىمىز يۇقارقى كەسىپلەر بويىچە يىل بويى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى، ئوقۇتۇش سېستىمىسى ۋە ئوقۇتۇش تۈزىمى مۇكەممەل. مەكتەپ باشقۇرۇش ئىددىيسى ئېلغار. كەسىپ تۈرى كۆپ، ھەر خىل تىللارنىڭ تۆۋەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپلىرى تۇلۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا قولايلىقلاشتۇرۇلغان
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز سەرخىل. ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە كەسىپتە پىشقان، مەسئولىيەتچان، ئوقۇتقۇچىلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا كۈيۈنىش، مەسئۇل بولۇش ئېڭى كۈچلۈك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارا دەرىجىلىك ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈش نىسبىتى يۇقىرى.
ئوقۇتۇش مۇھىتىمىز ئازادە، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىمىز تۇلۇق ۋە كۆپ خىل. دەرس مىقدارى ۋە ئورۇنلاشتۇرىلىشى مەكتەپ مەنپەئەتىنى ئەمەس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان. ئوقۇش ھەققى مۇۋاپىق.
مەركىزىمىز ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ،ھەرقايسى جايلارغا بارىدىغان ۋە كېلىدىغان قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. بۇخىل ئەۋزەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.